غەزەل

2017-01-11 07:29:44 -0500


بىر كۇرۇپ ھەيرانەبولدۇم ، ياندىما داجىپ شۇئان . كۇلدى كۇنمۇ سەن بىلەن تەڭ ، تارقىلىپ كۇكتىن تۇمان . نەقەدەر نازۇك بەدەنكى ، كۇزلىرىم قالدى قېتىپ . ھۇرپەرىمۇ ياكى ئىنسان ، بولدى زاھىر بىر گۇمان . كۇز، ئىغىز ،پۇت _ قوللىرىم خائىن بۇلۇپ شۇ تاپ ماڭا ، تىللىرىمغا گەپمۇ كەلمەس ، سۇرمىدىم ھىچبىر زۇۋان . بەرگەنمىكىن ھىچ ئايانماي « ئال قۇلۇم » دەپ تەڭرىمۇ ، سىغدۇرۇپ ھۇسنىڭنى شۇ نادىر سۇرەتتە قىلغان ئايان . ئىزلىگەن ۋەسلىڭنى بارچە ئەر زاتلىرى ھەسرەت يۇتۇپ ، قالغۇسى رەشىك _ ھەسەتتە سارغىيىپ قىز ھەم جۇۋان . قاچتى بۇ بەڭۋاش يۇرەكىم ياكى سەن كەتتىڭ ئىلىپ ، مەن ئۇزاپ كەتتىم ئۇزۇمدىن ، مەن ئەمەس شۇندىن بۇيان . ئەت قۇبۇل ۋە ياكى ئەتمە ، يازدى نامە سۇيگۇدىن ، غەزەل ئوغلى مەبۇد بىلىپ ئەتتى ساڭا سىر بايان . مەن قاچان كۇردۇم سىنى ، شۇندىن بىرى شەيدايىمەن ،يار سىنىڭ ئىشقىڭدا كۇيگەن بىر قارام شاھزادىمەن . يەتتە ئىقلىم بابىدا يوقتۇر دىدىم سەندەك گۇزەل ،شۇ گۇزەل جىسمىڭغا ھەر چاغ تەلپۇنەر دىۋانىمەن . كۇڭلۇممۇ كۆز بولدى شۇئان ، ئىزلىدىم سەندىن ئېۋەن . ۋەلىكىن تاپماققا ئاجىز ، بىقۇۋۇل بىچارىمەن . سەن كۇڭۇل سەھراسىدا قاچتىڭ كىيىك ، ئارقار بۇلۇپ قوغلىسام كەتتىڭغۇ تاشلاپ ،بىر غىرىپ بىگانىمەن . ئوت بۇلۇپ كۇيدۇم پىراقتا ، يالقۇنى ئۇرتەر پەلەك ، شۇ پىراق ئىچرە چاراسلاپ چاقنىغان شەررارىمەن . ① سەن ئەگەر باغداتتا بولساڭ ، مەن باراي كۇرمەي يىراق ، ئاچ قۇچاق ئالدىمغا چىق ،ئىشقى ۋىسالنىڭ زارىمەن . سۇز تىزىپ يازدى غەزەللەر ، غەزەل ئوغلى يار ساڭا ، ئىستىگىل كۇڭلۇمنى شاد ئەتمەكنى ، يار سىنىڭدىن رازىمەن . سىنىڭ ئىشقىڭدا بىر ئوتمەن جانان ئۇچمەككە ئىمكان يوق ، كۇيۇپ كۇل بولسىمۇ بۇ تەن ، ئاڭا سۇ سەپمەككە ئىمكان يوق . چاھار باغدا ئۇنۇپ چىققان خۇشپۇراق لالە _ رەيھانىسەن ، تىكەنلەر خىرىس قىلسا ، سىنىڭدىن كەچمەككە ئىمكان يوق . كۇڭۇل ئاسمانىدا سەن بىر ، يىراقتىن نۇر چىچىپ تۇرغان ، سىنىڭدەك بىر تۇلۇن ئايغا ، ، قۇلۇم يەتمەككە ئىمكان يوق . شۇتاپ ئەغيارلىرىم جۇردۇر ، ، سىنىڭ بىرلە خۇشاللىقتا ، لىكىن شۇنداقتىمۇ سەندىن تىنىپ كەتمەككە ئىمكان يوق . باشىمگە چۇشسىمۇ سەۋدا ، بىراق يەتمەس ساڭا ئەرزىم ، ماجالىم قالمىدى ، ئىسمىڭ زىكىر ئەتمەككە ئىمكان يوق . ئۇزەلمەسمەن ئۇمۇدۇمنى ، سىنىڭ ئىشقىڭدا ھەر كۇن _ تۇن ، ئەگەر قانسام ۋىسالىڭغا ، ئۇچاغ ھەسرەتكە ئىمكان يوق . تىزىپ مىسرا يۇرەكلەردىن ، غەزەل ئوغلى غەزەل يازدى ، شاراپ كەلتۇر ۋىسال ئاتلىق ، يەنە تاقەتكە ئىمكان يوق . ①شەررارى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى سۇز بۇلۇپ ئوت ئۇچقۇنى دىگەن مەنىدە .

«Newer      Older»
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N